بورىس جونسون شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى ۋەقەلەرنى ئەيىبلىدى

شىمالىي ئىرېلاندىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى بىلەن بۆلگۈنچىلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان نامايىشلار ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

1617075
بورىس جونسون شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى ۋەقەلەرنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىرېلاندىيە پايتەختى بېلفاستتا بۆلگۈنچى سىن فېيىن (Sinn Fein) پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ بىر دەپنە مۇراسىمىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشىغا، ئىتتىپاقلىق تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان نامايىشلار داۋام قىلماقتا.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن ئايرىلىش كېلىشىمى بويىچە، شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋە بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ باشقا جايلىرى ئوتتۇرىسىدا سودىغا چەكلىمە قويغان بەلگىلىمىلەرمۇ يەنە بىر سەۋەب بولغان نامايىشلاردا، بىر ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بېرىلدى، بىر فوتوگراف مۇخبىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ساقچىلارغا تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاق تەرەپدارلىرى، بۆلگۈنچىلەر بىلەن توقۇنۇشتى. ۋەقەلەردە نۇرغۇن ساقچى يارىاندى.

ۋەقەلەرنىڭ ئىككى تەرەپ ئايرىلغان ۋە «تىنچلىق تېمى» دەپ ئاتىلىدىغان شەنكىل (Shankill) يولى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەيىبلەپ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «شىمالىي ئىرېلاندىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن، بولۇپمۇ خەلقنى ۋە مال-مۈلۈكنى قوغدىغان ساقچىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن، بىر ئاپتوبۇسقا ۋە بىر مۇخبىرغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىنتاىن قايغۇردۇم» دېدى.

ئۇ ئوىشىماسلىقلارنى ھەل قىلىش يولىنىڭ زوراۋانلىق ئەمەس، بەلكى دىيالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر