شىمالىي كورېيە: دۆلەتتە ھېچ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى كۆرۈلمىدى
شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دۆلەتتە ھېچ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنللىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش «مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى» دەپ قارىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يوللىغان دوكلاتىدا، دۆلەت مىقياسىدا ھېچ كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئېدۋىن سالۋادور، 732 سى 26 – مارتتىن 1 – ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا 23 مىڭ 121 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچكىمنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەتتە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن گۇمان بىلەن كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى توغرۇلۇق بولسا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇمات بېرىلمىدى.
شىمالىي كورېيە، تۈنۈگۈن تەنھەرىكەتچىلىرىنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.