مەھمۇد ئابباس گېرمانىيەدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس گېرمانىيەدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1616613
مەھمۇد ئابباس گېرمانىيەدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئابباسنىڭ گېرمانىيەدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشى تاماملانغان.

سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچقانداق پاسسىپل ئەھۋال يوقلۇقى ۋە ئابباسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى  ھەمدە ئابباسنىڭ ئەتە پەلەستىنگە قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىيوردانىيە قوراللىق قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى تىك ئۇچار پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباسنى ئېلىش ئۈچۈن5 -ئاپرېل ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى راماللاھ شەھىرىگە قونغان ئىدى.

چەتئەلدە دائىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى پىلانلىغان ئابباسنىڭ ئىيوردانىيەدىن گېرمانىيەگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

85 ياشلىق ئابباس ئىلگىرىمۇ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندىكى بەزى دوختۇرخانىلاردا ھەر خىل  سالامەتلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر