فىرانسىيەدە تاقىۋىتىلگەن پانتىن جامەسى 9-ئاپرېلدا قايتا ئېچىلىدىغان بولدى

فىرانسىيەدە ئوقۇتقۇچى سامۇئىل پاتتى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تاقالغان پانتىن جامەسى 9-ئاپرېلدا قايتا ئېچىلىدىغان بولدى.

1616651
فىرانسىيەدە  تاقىۋىتىلگەن پانتىن جامەسى 9-ئاپرېلدا قايتا ئېچىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامە جايلاشقان سېئىن-ساينت دېنىس ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جامەنىڭ ئۆزگەرگەن باشقۇرۇش ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن كېيىن، پانتىن جامەسىنىڭ جۈمە كۈنى (2021-يىلى 9-ئاپرېل) دىن ئېتىبارەن قايتا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئوقۇتقۇچى سامۇئىل پاتتى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغان رەسىمنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن پانتىن جامەسىنىڭ دىرېكتورى مەزكۇر ئوقۇتقۇچىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.  

بۇنىڭغا قارىتا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى سېئىن-ساينت دېنىس رايونىغا جايلاشقان پانتىن جامەسىنى 6 ئاي تاقاش قارارى ئالغان ئىدى.

جامە باشقۇرۇش ھەيئىتى بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مونترېيىل مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ۋە دۆلەت كېڭىشى قارارنى تەستىقلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر