ياپونىيە شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياپونىيەدە ھۆكۈمەت شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ۋە 13 – ئاپرېل كۈنى توشىدىغان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتتى.

1615653
ياپونىيە شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا 25 – مارت كۈنى ئىككى دانە يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان؛ ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە جەنۇبىي كورېيە پىيوڭياڭغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېمبارگولىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىنىشى توغرۇلۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىدې سۇگا بولسا، يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن شەرتسىز كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

توكيو، 2006 – يىلقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىدىن كېيىن، پىيوڭياڭغا قارشى ئېمبارگو قارارى ماقۇللاپ، شىمالىي كورېيەدىن ئىمپورتنى ۋە دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار پاراخوتلارنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەنىدى. 2009 – يىلى بولسا، شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېكسپورتنىمۇ مەنئىي قىلىپ، ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر