يەمەن تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

يەمەن مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەھمەد بىن داغر تۈركىيەنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1615370
يەمەن تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن سابا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن داغر، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان تۈركىيەنىڭ يەمەن باش ئەلچىسى فارۇق بوزگۆز بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئەھمەد بىن داغر، تۈركىيەنىڭ يەمەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاپ تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى، خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

فارۇق بوزگۆز بولسا، تۈركىيەدىكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ يەمەندىكى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى پائالىيەتلەرنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا، 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر