ئالجىرىيە فىرانسىيەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارخىپلىرىى قايتۇرۇشقا چاقىردى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن فىرانسىيەنى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە دۆلەتتىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارخىپلىرىنى قايتۇرۇشقا چاقىردى.

1615545
ئالجىرىيە فىرانسىيەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارخىپلىرىى قايتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسىرلەر بويى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان ئالجىرىيە، 1830-يىلدىن 1962-يىلغىچە فىرانسىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا قاراڭغۇ كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.

فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە تەشەببۇسلىرىغا قارشى چىققان ئالجىرىيە، ئۇدا 8 يىل داۋاملاشقان ۋە 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان كۈرەش نەتىجىسىدە،  ئەرەب ۋە ئىسلام جۇغراپىيەسىدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن دۆلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

فىرانسىيە، ھازىرغا قەدەر  مۇستەملىكە سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن، دۆلەت سۈپىتىدە ئالجىرىيەدىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىمىدى، ھەمدە تارىختىن «قارا داغ» سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان جىنايەتلىرىنىمۇ تېخىچە ئېتىراپ قىلمىدى.

فىرانسىيە ئىشغالىيەت دەۋرىدە بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان ئالجىرىيە بولسا، بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيەدىن ئۆز ۋاقتىدا بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارخىپلىرىنى قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن، يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئارخىپلارنىڭ ئالجىرىيە دۆلەت خەزىنىسىنىڭ ئايرىلماس مەنىۋى بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارخىپلىرىدىن نېمىلەرنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، ئېلىپ كەتكەن بولسا، ھەممىسىنى بىزگە قايتۇرۇشى كېرەك.»

ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى، 2017 – يىلى، دۆلەتتىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىپ، ئېلىپ كېتىلگەن ئاخىپلارنىڭ % 98 تىنىڭ فىرانسىيەنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر