داللاس شەھىرى ئەتراپىدا قورقۇنچلىق جىنايەت يۈز بەردى

ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ داللاس شەھىرى ئەتراپىدا، ئىككى ئاكا-ئۇكا قورقۇنچلىق جىنايەت ئۆتكۈزدى.

1615438
داللاس شەھىرى ئەتراپىدا قورقۇنچلىق جىنايەت يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ داللاس شەھىرى ئەتراپىدا، ئىككى ئاكا-ئۇكا ئائىلىلىرىدىن تۆت كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارقىدىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

داللاس ساقچىلىرى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدە ئالتە كىشىنىڭ جانسىز بەدىنىنى تاپتى. ئۆلگەنلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما بۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغان ئىككى ئاكا-ئۇكا، بىر سىڭىل، ئاتا-ئانا ۋە چوڭ ئانىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى مەلۇماتىنى بەردى.

ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ تۆت ئائىلە ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارقىدىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش پىلانلىرىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار جىنايەتنىڭ ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكىنىڭ 19 ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر