ھىندىستاندا ماۋزىدۇڭچى تېررورچىلار 22 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاننىڭ چاتىسگار ئۆلكىسىدە، ماۋزىدۇڭچى تېررورچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 22 گە يەتتى.

1614739
ھىندىستاندا ماۋزىدۇڭچى تېررورچىلار 22 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلەرىگە ئاساسلانغاندا، چاتىسگار ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئاشوك جۇنېجا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىجاپۇر شەھىرىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئورمانلىق رايونىدىكى بىر پاناھجايغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە ماۋزىدۇڭچى تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئاشوك جۇنېجا توقۇنۇشتىن كېيىن يەنە 17 ئەسكەرنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 22 گە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، 32 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاشوك جۇنېجا توقۇنۇشتا، 15 نەپەر ماۋزىدۇڭچى تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 4 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 5 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 12 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئىنقىلابى رەھبىرى ماۋزېدۇڭدىن ئىلھام ئالغان ھىندىستاندىكى ماۋزىدۇڭچى تېررورچىلار 1967-يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە مەركىزىدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەردە قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر