خىتايدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ، 12 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى
خىتاينىڭ شەرقىدە بېلىقچىلىق پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، 12 كىشى قازا قىلدى ۋە 4 كىشى يوقۇلۇپ كەتتى.
1614371
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ دېڭىز ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جىجاڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جۇجىياجېن ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر بېلىقچىلىق پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن.
ۋەقەدە 12كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشى يوقاپ كەتكەن ۋە ئاران 4 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
تىك ئۇچار ۋە كېمىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رايوندا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.