بايدىن تۇنجى كابېنت يىغىنىنى ئاچتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا تۇنجى كابېنت يىغىنىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى ئاستىدا ئاچتى.

1613329
بايدىن تۇنجى كابېنت يىغىنىنى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 -يىلى 20-يانۋار پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان جو بايدىن ئاقسارايدا ئېچىلغان تۇنجى كابېنت يىغىنىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا ناھايىتى قىسقا سۆز قىلدى.

ئۇ كابېنتىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ رەڭدار كابېنت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كېڭەش پالاتاسىغا كابېنتىنى «رېكورت تېزلىكتە» تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ 31-مارت (2021) پىتسبۇرگدا ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە پىلانىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كابېنتتىكى بەش مىنىستىرغا ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مىنىستىرلىقلارنىڭ خىراجەتلىرىدە ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ سېتىۋېلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراينىڭ تۇنجى كابېنت يىغىنى بايدىننىڭ سۆزىدىن كېيىن، ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر