فەيسبۇك: «دونالد ترامپنىڭ ئاۋازى بولغان ھەر قانداق مەزمۇن ئۆچۈرۈلىدۇ»

فەيسبۇك ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كېلىنى لارا ترامپ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ ۋىدېئوسىنى ئۆچۈرۈۋەتتى.

1612718
فەيسبۇك: «دونالد ترامپنىڭ ئاۋازى بولغان ھەر قانداق مەزمۇن ئۆچۈرۈلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Fox News»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىننى ھەمبەھىرلىگەن لارا ترامپقا سابىق تەرىپىدىن يوللانغان ئېلېكترونلۇق خەتتە، شىركەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن «دونالد ترامپنىڭ ئاۋازى بولغان ھەر قانداق مەزمۇن ئۆچۈرۈلىدۇ» دېيىلگەن.

خەۋەردە، فەيسبۇك تەرىپىدىن سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەترىتىگە يوللانغان ئېلېكترونلۇق خەتلەردىمۇ «فەيسبۇك ۋە ئىنستىگرام مۇنبەرلىرىدە، ترامپنىڭ يېڭى ياكى كونا ئاۋازى ئورۇن ئالغان مەزمۇنلارغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر بۇ خىل مەزمۇنلار ئېلان قىلىنسا، ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، ھەمبەھىرلىگەن ئادرېسلارغىمۇ قوشۇمچە چەكلىمىلەر قويۇلىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكادا 6-يانۋار يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، فەيسبۇك ۋە ئىنستىگرام ترامپنىڭ ئادرېسلىرىنى «مۇددەتسىز» چەكلەپ قويغان ئىدى.

فەيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «پىرېزىدېنتنىڭ بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى داۋاملىق ئىشلىتىشىگە يول قويۇشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەن ئىدى.

كېيىنچە،  تىۋىتتېر، سىناپچەت ۋە يوتۇبمۇ  ترامپنىڭ ئادرېسىنى مەڭگۈلۈك تاقىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر