ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىتى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى كىشىنى چىشلىۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىتى «مايور» ئاقسارايدا يەنە بىر ئادەمنى چىشلىۋالدى.

1611951
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىتى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى كىشىنى چىشلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە دۈشەنبە كۈنى ئاقساراينىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت باغچىسىدا يۈز بەردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ  ئايالى جىم بايدىننىڭ ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى مىچېل لاروسا ئىتنىڭ دۆلەت باغچىسى مۇلازىمەتچىسىنى چىشلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاروسا مەزكۇر مۇلازىمەتچىنىڭ ئاقساراي سەھىيە بۆلۈمى (WHMU) غا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، ئاندىن يەنە خىزمىتىگە قايتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت باغچىسى مۇلازىمەت ئىشخانىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

«مايور» ئىسىملىق 3 ياشلىق گېرمانىيە پادىچى ئىتى بايدىن ۋە ئايالى تەرىپىدىن  2018-يىلى بېقىۋېلىنغان ئىدى.

ئىت مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىمۇ يەنە بىر كىشىنى چىشلىۋالغاندىن كېيىن، بايدىن ئائىلىسىنىڭ  دىلاۋار ئىشتاتىغا قاراشلىق  ۋىلمىڭتون شەھىرىدىكى ئۆيىگە يوللىۋىتىلگەن ۋە 2 ھەپتىلىك تەربىيەدىن كېيىن ئاقسارايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر