ۋېنېزۇئېلا نېفىتقا ۋاكسىنا سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ۋاكسىنانىڭ پۇلىنى نېفىت بىلەن تۆلىيەلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاكسىنالارنىڭ پۇلىنى نېفىت بىلەن تۆلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ: «ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت توشۇش پاراخوتلىرى بار ۋە بىزنىڭ نېفىتىمىزنى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلىرىمىزمۇ بار. ۋاكسىنالارنىڭ پۇلىنى نېفىت ئارقلىق تۆلەشكە تەييارمىز» دېدى.
ئۇ يەنە، مۇھىم فوندلارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ چەت ئەللەردە توڭلىتىپ قويۇلغان ھېسابلىرىدىنمۇ تۆلىيەلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «دىپلوماتىك ۋە سىياسىي قاناللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەكتۇپ يوللىدۇق. ۋېنېزۇئېلا ئېھتىياجلىق ۋاكسىنالارنى بىزگە ئەۋەتسۇن ۋە پۇلىنى توڭلىتىلغان ھېسابلىرىمىزدىن ئېلىۋالسۇن» دېدى.
ئۇ تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاكسىنا ئېھتىياجىنىڭ %20 گە توغرا كېلىدىغان 2.4 مىليون دانە ۋاكسىناغا ئىگە بولالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
خىتاي ۋېنېزۇئېلاغا «سىنوفارم» (Sinopharm) ۋاكسىناسىدىن 500 مىڭ دانە، رۇسىيە «سپۇتنىك» (Sputnik) ۋاكسىناسىدىن 100 مىڭ دانە ئەۋەتكەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكادا يولۇچىلار پويىزى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىدا بىر يولۇچىلار پويىزى بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كەتتى.