ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمادا نامايىشچىلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1610383
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسىپ بوررېل بىرمادا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلارنىڭ ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ تىراگېدىيە ئاخىرلىشىشى لازىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە بىرمادا 1-فېۋرال (2021) يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قوزغالغان تىنچلىق نامايىشلىرىدا، بىرما ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ: «تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا راست ئوق ئىشلىتىلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىرما ئارمىيەسى خەلقنىڭ ھاياتىنى سىرتقى خەتەرلەردىن قوغدايدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە بىرما دېموكراتىيەسىنىڭ دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى چاقىرىق قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر