نىگېرىيەدە ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ قاچقان قارا گۇرۇھنىڭ لاگېرى بومباردىمان قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئوقۇغۇچىلارنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان قارا گۇرۇھ پاناھلىنىۋاتقان لاگېر بومباردىمان قىلىنىپ، نۇرغۇن قارا گۇرۇھ ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1608957
نىگېرىيەدە ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ قاچقان قارا گۇرۇھنىڭ لاگېرى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئىشتاتىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋە ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋان (Samuel Aruwan) ئىشتاتنىڭ ماندو رايونىدىكى فېدېراتسىيە ئورمانچىلىق مېخانىكا ئىنىستىتۇتىدىن ئېلىپ قېچىلغان 39 ئوقۇغۇچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتە، قوراللىق قارا گۇرۇھ پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان جايلىرىنىڭ ۋە لاگېرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئېلىپ قېچىلغان 39 ئوقۇغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

2021-يىلى 12-مارتتا مەزكۇر ئىنىستىتۇتقا قورالىق ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ قېچىلغان 210 كىشىدىن، 42 قىز ئوقۇغۇچى ۋە سەككىز ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 كىشى قۇتقۇزۇلغان ئىدى.

كادۇنا ئىشتاتىدا ئۆتكەن يىلى (2020) قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 937 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 972 كىشى ئېلىپ قېچىلغان ئىدى.

نىگېرىيەدە يانۋار (2021) ئېيىدىن بۇيان ئۈچ قېتىم مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ قېچىلدى، مەكتەپلەر نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن بەزى ئىشتاتلاردا ئوقۇش توختىتىلدى.

سوكوتو (Sokoto) ئىشتاتىدىكى بىر مەكتەپتە «سىرلىق كېسەللىك» سەۋەبىدىن 30 قىز ئوقۇغۇچى دوختۇرىانىغا ياتقۇزۇلدى.

سوكوتو ئىشتاتىنىڭ ساقلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئابدۇرراھمان دانتسوخو، مەكتەپتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەكتەپكە 10 سەھىيە خادىمىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ھازىرچە كېسەللىك سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپتىكى سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئەتراپتىكى شەيئىيلەردىن ئەۋرىشكىلەر ئېلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر