ب د ت ئافرىقادىكى 44 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونى ئىشخانىسى تۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە 7 مىليون 700 مىڭ قۇتا ۋاكسىنىنىڭ خەتەر ئاستىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1608791
ب د ت ئافرىقادىكى 44 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كىرىمى تۆۋەن ۋە ئوتتۇراھال دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىلارغا باراۋەر ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان «كوۋىد  - 19 ۋاكسىنىلىرىغا يەرشارىۋى ئېرىشىش پىروگراممىسى» دائىرىسىدە، ئافرىقادىكى 44 دۆلەتكە كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ئەۋەتىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا رايونى ئىشخانىسى تۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە 7 مىليون 700 مىڭ قۇتا ۋاكسىنىنىڭ خەتەر ئاستىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «كوۋىد  - 19 ۋاكسىنىلىرىغا يەرشارىۋى ئېرىشىش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى 44 دۆلەت ئىئانە ۋە ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئارقىلىق ۋاكسىنىلارنى تاپشۇرۇۋالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 44 دۆلەتنىڭ 32 ىسىنىڭ ۋاكسىنىلاش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.

باياناتتا يەنە، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارغا ئىشارەت قىلىنىپ، ئافرىقانىڭ تېخىمۇ كۆپ كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى كوۋىد  - 19 ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر