تەيۋەن بىر يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇ – چېڭ، تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1608504
تەيۋەن بىر يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئاسىيا خەۋەرلەر قانىلى»، چيۇكۇ – چېڭنىڭ تەيبې تەيبېي پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دۆلەتلىك چۇڭشەن پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ خىل قوراللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چىيۇ، يىراق مۇساپىلىك بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقلىرىنى، باشقا ئۈچ مودېلنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى 17 – مارتتىكى باياناتىدا، تەيبېنىڭ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى جەنۇبىي خىتاي دېڭىز ۋە ئىتۇ ئابا ئارىلىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #بومبا , #تەيۋەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر