پەلەستىن ب د ت نىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى
پەلەستىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى تەسىس قىلىشىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە پەلەستىننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
1608078

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىغا باھا بەرگەن يازما باياناتىدا: «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا بەرپا قىلىنغان قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى توغرىسىدىكى قارارنىڭ ماقۇللىنىشى بۇ ئولتۇراق رايونلارنى قوللاشنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە بايقۇت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.