ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىنى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى.

1607232
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ، غەززەدىكى راكېتامىيوت ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر نۇقتا بىلەن ھاماسقا ئائىت بىر ھەربىي مۇئەسسەسەنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئېتىلغان راكېتامىيوتقا بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە غەززەدىن ئېتىلغان بىر راكېتامىيوتنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئوچۇق بىر ساھەگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەمما غەززەدىن بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا چىقمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر