تەيۋەننىڭ غايەت زور يۈك پاراخوتى سۈۋەيىش قانىلىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۈك پاراخوتلارنىڭ بىرسى بولغان «Evengreen» ئاق دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان سۈۋەيىش قانىلىدا توختاپ قالدى.

1607388
تەيۋەننىڭ غايەت زور يۈك پاراخوتى سۈۋەيىش قانىلىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتىگە تەۋە پاناما بايراقلىق يۈك پاراخوتى «Evengreen» نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تارتىش پاراخوتلىرى پائالىيەتكە ئۆتتى.

ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر كېلىدىغان پاراخوتنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.  

بارلىق پاراخوت خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى، يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر يەرلىك مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن بىر مەسئۇل، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ 2 كۈن داۋاملىشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

«Evengreen» نىڭ يان بولۇپ قىلىشى سەۋەبىدىن سۈۋەيىش قانىلىنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر كېلىدىغان سۈۋەيىش قانىلىنىڭ كەڭلىكى 220 مېتىر ۋە چوڭقۇرلۇقى 24 مېتىر كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر