نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى سايلامدا بىرىنچى بولدى
ئىسىرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ لىكۇد پارتىيەسى پارلامېنتتا 33 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ بىرىنچى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيەدە يېقىنقى ئىككى يىلدا تۆتىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلامدا لىكۇد پارتىيەسىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈۋاتقان ئوڭچىل بلوك 54 ئورۇنغا ئىگە بولغان. يەنە نېتانياھۇنى قوللاش ئېھتىمالى بولغان نافتالى بېننېت (Naftali Bennett) رەھبەرلىكىدىكى يامىنا (Yamina) پارتىيەسى سەككىز ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، پارلامېتتا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
نېتانياھۇ 120 كىشىلىك پارلامېنتتا 61 ئورۇنغا ئېرىشىپ ھۆكۈمەتنى قۇرۇشى ئۈچۈن يامىنا پارتىيەسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىكۇد پارتىيەسى پارلامېتتا 31 ئورۇنغا ئىگە بولغان. بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن نىتانياھۇنى قوللىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئوڭچىل بلوك 53 ئورۇنغا ئىگە بولغان. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئۇچرىشىشلىرىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان يامىنا پارتىيەسى پارلامېنتتا سەككىز ئورۇنغا ئىگە بولغان.
يامىنا پارتىيەسى لىكۇد پارتىيەسىنى قوللىغان ئەھۋالدا نېتانياھۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا 61 ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
نېتانياھۇنىڭ رەقىبى يائىر لاپىد (Yair Lapid) رەھبەرلىكىدىكى يېش ئاتىد پارتىيەسى پارلامېنتتا 16 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ئىككىنچى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.