ئىسرائىلىيەدە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە
ئىسرائىلىيەلىكلەر يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.
1606386
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدىكى 6 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى 37 پارتىيە رىقابەتكە چۈشكەن سايلامدا، 120 كىشىلىك پارلامېنتقا كىرىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.