ئامېرىكا ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراتقان زەمبىرەك ھۇجۇملىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1606595
ئامېرىكا ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، سۈرىيەدە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ھەلەب ۋە ئىدلىبتا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇملىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ئەلئەتەرىب ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا بىرى كىچىك بالا بولۇپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باشچىلىقىدىكى توقۇنۇشماسلىق مېخانىزمى بىلەن ئالدىن ئورتاقلىشىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، رۇس ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىدلىبنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان بابۇلھاۋا چېگرا ئېغىزىغا يېقىن ئورۇنلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى ۋە بىر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بابۇلھاۋا چېگرا ئېغىزىنىڭ ھازىرمۇ ب د ت نىڭ ماقۇللۇقى بىلەن سۈرىيەگە ئېچىلغان بىردىنبىر ئىنسانپەرۋەر ياردەم بۇيۇملىرىنى يۆتكەش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھەر ئاي ئىككى مىليون 400 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ئەشيالىرىنىڭ تەمىنلىشى نۇقتىسىدىن مەزكۇر چېگرا ئېغىرى ۋە بۇ رايوننىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان نېد پرايس: «پۇقراۋى تېببىي خادىملار ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر ئورۇن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ زەربە نىشانى بولماسلىقى كېرەك. بۇ زوراۋانلىق توختىشى لازىم؛ سۈرىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇش چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر