سومالىدا %70 ئائىلە پاكىز ئىچىملىك سۈيىدىن مەھرۇم قالماقتا
سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن %70 ئائىلە پاكىز ئىچىملىك سۈيىدىن مەھرۇم قالماقتا.
1606490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدىكى «بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار» ناملىق خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد ھەسەن، دۇنيا سۇ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ 18 رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.