دورا ئېچىشنى تاشلاپ، سۇ ئېچىشنى باشلاڭ

يېتەرلىك سۇ ئىچمىگەن نۇرغۇن كىشىلەر دورا يېيىش ئارقىلىق بەدەندىكى سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن ساقىيىشقا تېرىشىدۇ.

1606012
دورا ئېچىشنى تاشلاپ، سۇ ئېچىشنى باشلاڭ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى سۇ ئىچىش ئادىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.  

بەدىنىمىزنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى سۇدىن تەركىب تاپىدۇ. سالامەتلىك ئۈچۈن يېتەرلىك سۇ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. گەرچە بۇ ئىلمىي ھەقىقەتنى ھەممەيلەن ياخشى بىلسىمۇ. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ.

تەتقىقاتتىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرىنىڭ بىرى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى بولغان باش ئاغرىقى، ھارغۇنلۇق ۋە باش قېيىش قاتارلىقلار كېسەللىكلەردىن سۇ ئېچىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئورنىغا، دورا يېيىشنى تاللايدۇ.

تەتقىقاتتا 2 مىڭ كىشىنىڭ سۇ ئىچىش ئادىتى كۆزىتىلدى.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە،  قاتناشقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىكىسى سۇ يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورىلىرى ئېچىش ئارقىلىق  تۆۋەنلەتمەكچى بولغان.

تەتقىقاتتا يەنە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۈندە چوقۇم ئېچىشى كېرەكلىك ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ يېرىمىنىمۇ ئىچمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مۇتەخەسسىسلەر سۇنى ئاز ئىچىشنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا. شۇڭا دورىنى ئاز، سۇنى كۆپ ئېچىش لازىم.


خەتكۈچ: #سۇ , #دورا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر