دونالد ترامپ ئۆزىگە مەخسۇس ئىجتىمائىي ئالاقە ئىنتېرنېت سۇپىسى قۇرىدىغان بولدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزىگە تەۋە مەخسۇس ئىنتېرنېت سۇپىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا قايتىپ كېلىدىغان بولدى.

1605784
دونالد ترامپ ئۆزىگە مەخسۇس ئىجتىمائىي ئالاقە ئىنتېرنېت سۇپىسى قۇرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ 2020-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلام سەۋەرۋەرلىكى باياناتچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى جاسون مىللېر، فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن بايانتىدا، بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ مەخسۇس ترامپقا ئائىت بولىدىغانلىقىنى بولدۈرۈپ، «بۇ ئويۇننى پۈتۈنلەي قايتىدىن ئېنىقلايدۇ، ھەممەيلەن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» دېدى.

مىللېر ترامپنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەتلەردىن تەكلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆز گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ غايەت زور بىر سۇپا بولىدۇ، ئۇ يەرگە نەچچە ئون مىليون ئادەم يۆتكىلىدۇ» دېدى.

6-يانۋاردا يۈز بەرگەن ۋە 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكانى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇك ترامپنىڭ ھېساپلىرىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغان بولۇپ، كېيىنچە مەڭگۈلۈك تاقىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر