ئامېرىكا – خىتاي سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالياسكادىكى كەسكىن سۆھبىتى ئاخىرلاشتى.

1605009
ئامېرىكا – خىتاي سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتكە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار  كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى قاتناشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ئېلى، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە تور ھۇجۇملىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە، خىتاي بىلەن، ئاساسلىق تالاش-تارتىشلىق نۇقتىلارنى بىلگەن ھالدا بىر يەرگە جەم بولدۇق،  ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا، ئەنسىز جاۋابقا ئېرىشىشىمىز ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى.»

بلىنكېن،  خىتاي دائىرىلىرى بىلەن، ھەم ئىران، شىمالىي كورېيە، ئافغانىستان ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە، ھەمدە  بېيجىڭنىڭ سودا – ئىقتىساد پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، سۆھبەتنى كۆزەتكەن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرى مەنبە كۆرسىتىلىپ ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتنى «ئىجابىي ۋە پايدىلىق سۆھبەت بولدى، ئەمما ئىختىلاپلارمۇ بار » دەپ بايان قىلغانلىقلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.

تۇنجى كۈنىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئوچۇق بۆلۈمىدە، بلىنكېن بىلەن سۇللىۋان، تەيۋەن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تور ھۇجۇملىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى تەنقىد قىلغانىدى.

خىتاي ھەيئىتى بولسا، تەنقىدلەرگە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۇقىرى تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئارقىسىدىن سۆزلەش ھوقۇقى يوق.» تەرىقىسىدە ئىنكاس قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر