«تىنچلىق بۇلىقى» ۋە «فىرات قالقىنى»  رايونلىرىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەدە «تىنچلىق بۇلىقى» ۋە «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1605107
«تىنچلىق بۇلىقى» ۋە «فىرات قالقىنى»  رايونلىرىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى>  ۋە <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرۇلدى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 12 تېررورچى ۋە <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر