نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1605065
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئۆلكىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋان، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىملىكى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان قوراللىقلارنىڭ، ئۆلكىنىڭ زانگون قاتاف، چىكۇن ۋە قارۇ رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 56 ئۆي بىلەن 16 موتوسىكلىتنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى، رايون ئاھالىسىنىڭ قورقۇپ كېتىپ، ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نىگېرىيەدە يېقىندىن بۇيان قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتوسىكلىت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن، بەزى ئۆلكىلەردە موتوسىكلىتقا مىنىش چەكلەنگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇنمۇ قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا 19 كىشى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر