تىبەتتە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تىبەت  ئاپتونوم رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى.

1604370
تىبەتتە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناگۇ شەھىرىدە 6.1 بال چوڭلۇقتا، يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى (USGS) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، يەر تەۋرەشنىڭ 5.7 بال چوڭلۇقتا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر