شىمالىي كورېيە مالايشىيا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى مالايشىيا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1604366
شىمالىي كورېيە مالايشىيا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، مالايشىيا سوتىنىڭ 2019 - يىلى مەزكۇر دۆلەتتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شىمالىي كورېيە پۇقراسى مۇن چول ميوڭنى چىرىكلىك جىنايەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا سۈرگۈن قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرسىدىكى قارارىنى تەنقىد قىلدى.

بىر بىگۇناھ شىمالىي كورېيە پۇقراسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان مالايشىيانىڭ كەچۈرگۈسىز جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا بوي سۇنۇپ دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەدە بولغان مالايشىيا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ مالايشىيا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مالايشىيا ئالىي سوت مەھكىمىسى، 9 - مارتتا شىمالىي كورېيە پۇقراسى ميوڭنىڭ پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر