سابىق دىپلومات ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقىغا نامزات كۆرسەتكەن سابىق دىپلومات ۋىليام بۇرنس (William Burns) نى تەستىقلىدى.

1604393
سابىق دىپلومات ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا، سابىق دىپلومات ۋىليام بۇرنس يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشىپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تارىخىدىكى دىپلوماتىيەدىن بولغان تۇنجى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ قالدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋىليام بۇرنس، دېموكراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭمۇ كۆپ قىسمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ۋىليام بۇرنس كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىلگىرىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ دۇنياۋى رەقىبىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىدە مۇھىم قەدەملەرنى باسىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋىليام بۇرنس 2000-1998-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ ئۇممان باش ئەلچىسى، 2008-2005يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكانىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ 2014-2011-يىللىرى ئارىسىدا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋە بۇ خىزمىتىدىن كېيىن پېنسىيەگە ئايرىلغان ئىدى.

ئۇ 2014-يىلىدىن بۇيان كارنېگى (Carnegie) تىنچلىق ۋەخپىنىڭ باشلىقى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ۋىليام بۇرنسنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ «ئالدى بىلەن دىپلوماتىيە» دەيدىغان تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كىشى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر