ھىندونېزىيە مالايشىيانىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتتى

ھىندونېزىيە قانۇنسىز بېلىق تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇسادىرە قىلغان مالايشىيا بايرىقى ئېسىلغان ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتتى.

1604437
ھىندونېزىيە مالايشىيانىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مەھكىمىسى، 2019- يىلى ھىندونېزىيەنىڭ ئاچې ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز ھالدا كىرىپ بېلىق تۇتۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇسادىرە قىلىنغان مالايشىياغا تەۋە ئىككى بېلىقچى كېمىسىنىڭ سۇغا غەرق قىلىۋېتىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ئاچې دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى نۇگروخو ئاجى، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەزكۇر ئىككى كېمىنىڭ سامۇدېرا لامپۇلو پورتىغا يېقىن جايدا دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھىندونېزىيەدە يېقىنقى 7 يىلنىڭ مابەينىدە قانۇنسىز بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 600 گە يېقىن چەت ئەل بېلىقچى كېمىسى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلدى.

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، 2014- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، قانۇنسىز بېلىقچىلىقنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا زور زىيان سالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىلگەن بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە قاتتىق جازا بېرىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر