ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار قازاسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ مايدان ۋارداك ۋىلايىتىدە Mi-17 تىپلىق بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

1603633
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ مايدان ۋارداك ۋىلايىتىدە Mi-17 تىپلىق بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، تۆت نەپەر ئايروپىلان خادىمى بىلەن ئايروپىلاندىكى بەش نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مايدان ۋارداك ۋىلايىتىنىڭ بەھسۇد ناھىيەسىدە  ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە Mi-17 تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى؛ ۋەقەدە تۆت نەپەر ئايروپىلان خادىمى بىلەن بەش نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پايتەخت كابۇلدا دۆلەت كادىرلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، 11 ئادەم يارىلانغان.

ھۇجۇم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىباننىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا يىغىلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنى تېزلىتىش ئۈستىدە سۆھبەت باشلىغان بىر كۈندە يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر