ب د ت بىرمادىكى  نامايىشلاردا 15 كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرمادا تۇرۇشلۇق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا، 1 -فېۋرالدىن بۇيان 15 كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ۋەزىيەتكە قارىتا «تولىمۇ  ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋال» دەپ باھا بەردى.

1603607
ب د ت بىرمادىكى  نامايىشلاردا 15 كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ستېفان دۇجارىك تۈنۈگۈنكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرمادىكى ب د ت گۇرۇپپىسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ كىچىك بالىلارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە  ھەربىي  ئۆزگىرىشتىن بۇيان ئاز دېگەندە 15 كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دۇجارىك بىرمادا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتە قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) غا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۇجارىك: «خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى بىرمادىكى كۆچمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە» دېدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، بىرمادىكى ھەر 4 ئادەمدىن بىرى دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارالىق كۆچمەنگە ئايلانغان بولۇپ، ھەربىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئىچكى كۆچمەنلەر كۆپ بولغان رايونلاردا قاتتىق باستۇرۇشلار ئوتتۇرىغا چىققان.

كۆچمەنلەر تەشكىلاتى باياناتتا، ئاجىزلارنىڭ ۋە بىرمادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق ھەق - ھوقۇق ۋە ئارزۇسىنى قوغداشنى شۇنداقلا ئېتىراپ قىلىنىشىدىن باشقا يەنە، زوراۋانلىقنىڭ دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى قىيىن شارائىتلارغا قارىماستىن، بىرمادىكى كۆچمەنلەرنى يۆلەش ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ: #بىرما , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر