ئامېرىكادا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز كۆچمەن قازا قىلدى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كىچىك تىپلىق بىر ئاپتوموبىل بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ سەككىز ئادەم قازا قىلدى.
1603018
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق ئالاقىدار خادىملار، 15 – مارتتا ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىغا جايلاشقان دېل رىئو شەھىرىدە بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىپ، سەككىز كۆچمەننىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.