ئامېرىكا خىتاينىڭ 24  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ماقوللىدى.

1602998
ئامېرىكا خىتاينىڭ 24  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
ABD Dışişleri Bakanı Antony Blinken.jpg
cin ulusal halk kongresi.jpg
abd-çin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن11-مارتتا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش قارارىنىڭ، خوڭكوڭنىڭ سايلام سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئانتونى بلىنكېن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر قارارى ئارقىلىق خوڭكوڭ خەلقىگە بېرىلگەن ئالىي ئاپتونومىيە ۋەدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئاۋازىنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، ئېمبارگو قارارىنىڭ  خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتىمۇ، بۇ ئېمبارگونىڭ  خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى جەنشۇنىڭ 14 مۇئاۋىنى بىلەن بىرگە، خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن جەمئىي 24 ئەمەلدارغا قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ كىشىلەرگە چېتىشلىق چەت ئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭمۇ ئېمبارگوغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 25 كىشىلىك رەھبەرلەر قاتلىمىدىن ۋاڭ چىن بىلەن خوڭكوڭنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىلى تام يۇ چۇڭنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا تەرىپىدىن 2020-يىلى 7-ئايدا يولغا قويۇلغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىغا شۇنداقلا بۇلار بىلەن سودا قىلىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر