بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى: ئىسرائىلىيە دەمەشقكە ھۇجۇم قىلدى
بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقكە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1602878
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا، ھەربىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22.35 تە، ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى تەرەپتىن دەمەشق شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بەزى نۇقتىلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۇجۇمدا ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، »ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىز دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا تاقابىل تۇردى ھەمدە كۆپىنچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتى» دېيىلدى.
ئىسرائىلىيە تەرەپتىن بولسا، بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.