ئىراقتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

ئىراقنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىگە جايلاشقان بەلەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 3 راكېتامىيوت ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

1602059
ئىراقتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راكېتانىڭ بازىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكى ۋە ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى ياكى ماددى زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار بەلەد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىراق ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

بەلەد ھاۋا ئارمىيە ھەربىي بازىسىدا ھازىر ئامېرىكانىڭ «Sallyport Global» ئىسىملىك ​​بىخەتەرلىك شىركىتى خادىملىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر