ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 15 كىشى يارىلاندى.

1601913
ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى فىردەۋس فارامازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلنىڭ دېھنى رايونىدا، ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 15 كىشى يارىلانغان.

فارامازنىڭ ئەكەرتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ مىقياسىدا يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ كېتىشكە باشلىغان سۇيىقەست ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى، ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي ئالىملار، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىكەن.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى تالىبان دەپ قارىسا، تالىبان ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر