بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈنۈگۈن 12 نامايىشچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، خەلقنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىش نامايىشلىرىغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا...

1601962
بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈنۈگۈن 12 نامايىشچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى ۋە سايلام ئارقىلىق بېكىتىلگەن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار دائىرىسىدە تۈنۈگۈن 12 ئادەم خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرما «ھازىر» خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي ھۆكۈمەت، ھلائىڭتايا ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياڭگونغا قاراشلىق ئالتە ناھىيەدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان.

تۈنۈگۈنكى نامايىشلاردا كەم دېگەندە 12 ئادەم خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئوقلىرىدا قازا قىلغان.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020- يىلى 8- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 2021- يىلى 1- فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما خەلقى 6 - فېۋرالدا دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر