بالقان ياشلار مەكتىپىنىڭ يېڭى دەۋرى كىرودىيەدە باشلاندى
بالقان ياشلار مەكتىپىنىڭ يېڭى دەۋرى تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن كىرودىيەنىڭ زاگرېب ۋە رىجېكا شەھەرلىرىدە باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت زاگرېبتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەندىن سىرت يەنە، تۈركىيەنىڭ زاگرېبتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستافا بابۇر ۋە كىرودىيە ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەزىز ھەسەنوۋىچمۇ ئىشتىراك قىلدى.
تۈركىيە سىرتدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئاساسلىق نىشانىمىز، بالقان رايونىدىكى ياشلار ئارىسىدا دىيالوگ ئورنىتىش، ئۇلارنى دۇنياغا ئوخشاش نۇقتىدىن قارايدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى نامايەن قىلىشتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەجدادلىرىمىزمۇ بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
كىرودىيە ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەزىز ھەسەنوۋىچ، بالقان ياشلار مەكتىپىنىڭ، ياشلارغا ئەقلىي قىممەت قوشۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىسى بارلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇراسىمغا قاتناشقان ياشلارنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى كۆۋرۈكلەرنى سالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.