رۇسىيە تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitry Peskov) كرېمىلنىڭ ئىنتېرنېت بەتلىرىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1600197
رۇسىيە تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitry Peskov) كرېمىلنىڭ ئىنتېرنېت بەتلىرىگە قارىتىلغان تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ 10-مارت (2021) كۈنىمۇ دۆلەت ئىدارىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بەتلىرىدە مەسىلىلەر كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى 7-مارت ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىچكى سىستېمىلىرىغا بىر قاتار تور ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نىيۇ يورك تايمېسنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن، كرېمىل بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

پېسكوۋ بولسا، مەزكۇر خەۋەرلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل ھۇجۇملار خەلقئارالىق تور ھۇجۇمى جىنايىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر