سۈرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھاما ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدە مېنا پارتلاپ 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1597312
سۈرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە سانا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھاما ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى سەلىمىييە ناھىيەسىنىڭ ۋادى ئەلئازاپ رايونىدا ئىككى مېنا پارتلاپ، 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، ئۈچ كىشى يارىلانغان.

پارتلاش يۈز بەرگەن رايون، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئارمىيەسى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر