سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت پورتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نېفىت توشۇش جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورتلاردىن بولغان «راس تانۇرا پورتى» (Ras Tanura) ۋە «سەئۇدى ئارامكو» (Saudi Aramco) نېفىت مەشغۇلات رايونى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1597029
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت پورتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا (SPA) ئاگنېتلىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت پورتلىرىدىن بىرى «راس تانۇرا پورتى» ۋە «سەئۇدى ئارامكو» نېفىت مەشغۇلات رايونىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 س پ ئا نىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 7-مارت) راس تانۇرا رايونىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن.

بۇ ھۇجۇم بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت پورتلىرىدىن راس تانۇرا پورتىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، شۇ كۈنى كەچ ۋاقىتتا زاھران شەھىرىگە جايلاشقان ئارامكو نېفىت مەشغۇلات رايونىنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شارپېللىرىنىڭ ئارامكودا خىزمەت قىلىدىغان مىڭلارچە خادىم ۋە ئائىلىلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرى جايلاشقان يەرگە چۈشكەنلىكى، ئەمما بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانتچىسى تۇركى ئەلمالىكى راس تانۇرا پورتى ۋە زاھران شەھىرىدىكى ئارامكو نېفىت مەشغۇلات رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ مەغلۇب قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ خىل ھۇجۇملار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشقا، دۇنيا سودىسى ۋە نېفىت تىرانسىپورتىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يەمەندىكى ئىران قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا ئەسسەرى سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەزگۈر نۇقتىلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يەھيا ئەسسەرى سەككىز بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، راس تانۇرا پورتىغا جايلاشقان سەئۇدى ئارامكو شىركىتى بىلەن دەممام، ئاسىر ۋە جازان شەھەرلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر