كيوتو خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى

ياپونىيەنىڭ كيوتو شەھىرىدە يۈزتۇرانە ھەمدە تور مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا 152 ئەزا دۆلەت، 37 ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلات، 114 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 5600 كىشى قاتناشتى.

1597027
كيوتو خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «14 – نۆۋەتلىك جىنايى قىلمىشلار ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى قۇرۇلتىيى» دا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن  «كيوتو خىتابنامىسى»  قوبۇل قىلىندى.

ياپونىيەنىڭ كيوتو شەھىرىدە يۈزتۇرانە ھەمدە تور مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا 152 ئەزا دۆلەت، 37 ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلات، 114 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 5600 كىشى قاتناشقانلىقى، يىغىننىڭ 12 - مارتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلگۈسى بەش يىل بويىچە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يول خەرىتىسى ماھىيىتىدىكى «كيوتو خىتابنامىسى»، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىشتىراكچى ۋەكىللەر تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىندى.

قۇرۇلتايغا ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ  75 - نۆۋەتلىك رەئىسى ۋولقان بوزقېر ۋە ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە جىنايى ئىشلار ئىشخانىسى رەئىسى گادا فاتى ۋەلى تېلېگرامما يوللىدى.

گۇتېررېس تېلېگراممىسىدا: «جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي كېلىشىمنىڭ يېڭىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بوزقېر بولسا، جىنايى قىلمىشلارنىڭ ھەر بىر دۆلەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بارغانسېرى كۆپىيىپ چېگرالاردىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئەگەر بىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى بويىچە ھەرىكەت قىلمىساق، 2030 - يىللىق سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يېتەلمەيمىز» دېدى.

قۇرۇلتايغا سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگراممىسى بىلەن قاتناشقان ياپونىيە باش مىنىستىرى سۇگا يوشىخىدې بولسا،  كيوتو خىتابنامىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياپونىيە <ھېچكىمنى ئارقىدا تاشلاپ قويماستىن> سىغدۇرۇشچان، بىخەتەر جەمئىيەت روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر