ۋىلادىمىر پۇتىن ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىي يوللىغان ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىي يوللىغان ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1596510
ۋىلادىمىر پۇتىن ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىي يوللىغان ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋە ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لېۋان جاگاريان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچۇرىنى ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋىلايىتىغا تاپشۇرغان.

ئىران پارلامېنتى باشلىقى مۇھەممەد باكىر كالىباف 8-فېۋرالدىكى موسكۋا زىيارىتى جەريانىدا ھامانىينىڭ پۇتىنغا يوللىغان ئۇچۇرىنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇمانىڭ باشلىقى ۋىياچېسلاۋ ۋولودىنغا يەتكۈزگەن ئىدى.

مۇھەممەد باكىر كالىباف موسكۋا ئايرودورۇمدا ئىران مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدە، ھامانىيدىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە مۇھىم ئۇچۇر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر