بېلگىيە دائېشچى پۇقرالىرىنىڭ بالىلىرىنى قاتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

بېلگىيە سۈرىيەدىكى لاگېرلاردا قېلىۋاتقان دائېش ئەزاسى پۇقرالىرىنىڭ بالىلىرىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1596293
بېلگىيە دائېشچى پۇقرالىرىنىڭ بالىلىرىنى قاتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو، پارلامېنتقا سۇنغان دوكلاتىدا، مۇنداق دېدى: «دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى، دائېش ئەزاسى پۇقرالارنىڭ بالىلىرىنىڭ دۆلەتكە قايتىش جەريانىنى دەلىللىدى، دۆلەت قايتىشىنى قوبۇل قىلىدىغان بالىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 12 قىلىپ بېكىتىلدى. بالىلار ئەلھول لاگېرىدا قالغان تەقدىردە، <ئەتىنىڭ تېررورچىلىرى> بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەزى ئانىلارمۇ دۆلەتكە قايتالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلىدۇ.»

قارار دائىرىسىدە، 30 – 50 ئەتراپىدىكى بالىنىڭ بېلگىيەگە يۆتكىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بېلگىيەدە سوت مەھكىمىسى، سۈرىيەدىكى دائېش ئەزالىرىنىڭ 10 بالىسىنىڭ دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لاگېرلاردا قاپسىلىپ قالغان 27 مىڭ بالىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر