ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى تۇنجى قېتىم مايمۇنلارغا ئەملەندى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سان دىياگو (San Diego) ھايۋاناتلار باغچىسىدا بەزى ئۇرانگۇتان ۋە پاپا شىمپەنزە تۈرلىرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملەندى.

1595937
ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى تۇنجى قېتىم مايمۇنلارغا ئەملەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سان دىياگو ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بەزى ئۇرانگۇتان ۋە پاپا شىمپەنزە تۈرلىرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەندى. بۇ ئىنسانلاردىن سىرت تۇنجى قېتىم ھايۋان تۈرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يانۋار ئېيى (2021) دا سان دىياگو ھايۋاناتلار باغچىسىدا سەككىز گورىللانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، مەسئۇل خادىملار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

ھازىر ياخشىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ھايۋانلار خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مال دوختۇرلىرىنىڭ توپلىشىپ ياشايدىغان گورىللا، ئۇرانگۇتان، شىمپەنزە ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھايۋاناتلار باغچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى نادىن لامبېرسكى (Nadine Lamberski): «كېسەللىكلەر ھايۋانلاردىن ھايۋانلارغا ئىنتايىن تېز تارقىلىدۇ. ياخشىلىنىش باسقۇچىمۇ ناھايىتى قىيىن ئۆتىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەنگەن ھايۋانلاردا ھازىرغىچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىدى، ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى» دېدى.

ئۇ مايمۇنلارغا ئىنسانلار ئۈچۈن ياسالغان زۇكام ۋە قىزىل كېسەللىكلىرى ۋاكسىنالىرىنى ئەملەشنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر